باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خامچوتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى

(2018-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى)

2018.09.26 19:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خامچوتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، مالىيە باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى ئورنىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، مالىيەنىڭ بايلىق تەقسىملىشىنى ياخشىلاش، جامائەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ھالقىلىق تەدبىر. نۆۋەتتە خامچوتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، تولۇق قاپلىغان خامچوتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. نۆۋەتتە، تۆۋەندىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  1.خامچوتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى

  18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم قوللاش رولىنى ئوينىدى. شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خامچوتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشتا، يەنىلا بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ، ئاساسلىقى: ئۈنۈم قارىشى تېخى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلماسلىق، بەزى جايلار ۋە تارماقلاردا سېلىنمىغا كۈچەپ، باشقۇرۇشقا سەل قاراش، چىقىم كۆپ، ئۈنۈم ئاز بولۇشتەك ئاڭ ساقلىنىش، نەتىجە-ئۈنۈمنى باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقى يېتەرلىك بولماسلىق، بارلىق مالىيە مەبلىغىنى تېخى تولۇق قاپلاپ بولالماسلىق، بەزى ساھەلەردە مالىيە مەبلىغى تۆۋەن ئۈنۈملۈك، ئۈنۈمسىز، قۇرۇق تۇرۇپ قېلىش، زىيانغا ئۇچراش، ئىسراپ بولۇش مەسىلىسى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇش، تۇتۇپ قېلىش، ئاستىرىتتىن بۆلۈشۈۋېلىش، باشقىلارنىڭكىنى ئېلىۋېلىش مەسىلىسى ھەم ئارىلاپ يۈز بېرىش، نەتىجە - ئۈنۈمنى رىغبەتلەندۈرۈشنى چەكلەش رولى كۈچلۈك بولماسلىق، ئۈنۈم باھالاش نەتىجىسى، خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىياسەت ئارقىلىق تەڭشەشكە باغلاش مېخانىزمى تېخى ئورنىتىلماسلىق قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر