باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2018.09.27 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 26-سېنتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىسمەن تاۋارلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى چۈشۈرۈش ۋە تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى تېزلىتىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بېكىتتى.

  يىغىندا قىسمەن جايلاردا كۆرۈلگەن ئافرىقا چوشقا ۋاباسى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ بولغان ئىچكى ـ تاشقى ۋەزىيەت ئاستىدا، ئىقتىسادنىڭ سىلىق ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېچىۋېتىشنى تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ئادىل ۋە قولايلىق بولغان، ھەمدە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، »قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاسسىپ تىزىملىكنىڭ سىرتىدا يەنە چەتئەل مەبلىغى بىلەن ئىچكى مەبلەغكىمۇ بىردەك مۇئامىلە قىلىپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار بىردەك بولۇشتەك بازار ئىجازىتى ئۆلچىمى ۋە توردا ئەنگە ئېلىش ئاساس قىلىنغان مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان چەتئەل مەبلىغى تۈرىنى چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ياكى ئىلتىماس تەرتىپى بويىچە تەڭشەشنى تېزلىتىشنى ئالاقىدار كەسىپ پىلانىغا كىرگۈزۈپ، يەر ئىشلىتىش ۋە دېڭىز ئىشلىتىشنى تەستىقلاش قاتارلىقلارنى قوللاپ، ھەمدە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدە تەستىقلانغان تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تۈرلەرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ قايتا مەبلەغ سېلىشىدا ئالدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان تاپاۋەت بېجىنى ۋاقتىنچە ئالماسلىقتەك سىياسەتنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسىنى ۋە ئىلھام بېرىش تۈرىدىكى چەتئەل مەبلىغى تۈرىنىڭ دائىرىسىنى مۇناسىۋەتلىك بارلىق غەيرىي مەنئى قىلىنىدىغان تۈر ۋە ساھەلەرگە كېڭەيتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، زور كۈچ بىلەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئاممىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئىستېمال قاتارلىق ئېھتىياجلىرىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، بۇ يىل 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، 1585 تۈرلۈك باج تۈرىدىكى سانائەت بۇيۇملىرى قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، بىر قىسىم دۆلەت ئىچىدىكى بازار ئېھتىياجى كۈچلۈك بولغان قۇرۇلۇشلاردىن ماشىنىسازلىق ۋە ئەسۋاب-پىرىبور قاتارلىق ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باج نىسبىتىنى %12.2تىن %8.8كىچە تۆۋەنلىتىش، توقۇلما بۇيۇم ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ئوتتۇرىچە باج نىسبىتىنى %11.5تىن %8.4كىچە تۆۋەنلىتىش، قەغەز بۇيۇملىرى قاتارلىق بايلىق خاراكتېرىدىكى قىسمەن تاۋارلار ۋە تۆۋەن دەرىجىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئوتتۇرىچە باج نىسبىتىنى %6.6تىن %5.4كىچە تۆۋەنلىتىش، ئوخشاش تۈردىكى ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۈردىكى تاۋارلارنىڭ باج دەرىجىسىنىمۇ تۆۋەنلىتىش كېرەك. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىرلەر يەنە كارخانا ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ 60 مىليارد يۈەنگە يېقىن باج سېلىقىنى يېنىكلىتىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ تاموژنا بېجىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى ئالدىنقى يىلىدىكى %9.8دىن يەنە %7.5كە چۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللىنىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر