باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەلق ئارمىيەسىنى يېتەكلەپ، گۇتيەندىن قايتا يولغا چىقتى (يېڭى ئىدىيە ئەمەلىيەتتىن بارلىققا كېلىدۇ توغرىسىدىكى چاتما خەۋەر)

2018.09.26 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شۇ كۈنى قىزىل ئارمىيەنىڭ كانىيى، ئارمىيە بايرىقى ئالدىدا، باش شۇجى چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇزاققىچە ئويلاندى. ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى: تارىخ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. قايتىدىن قارايدىغان بولساق، گۇتيەن يىغىنى ئاساس سالغان سىياسىي خىزمەت ئارمىيەمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.»

  تۆت يىل ئىلگىرىكى كۆرۈنۈش فۇجيەن ئۆلكىسى گۇتيەن يىغىنى ئېچىلغان خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى سېڭ خەنخۇينىڭ يادىدىن چىقمايتتى.

  پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنى 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى فۇجيەن گۇتيەندا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى باشلاپ گۇتيەن يىغىنى ئېچىلغان جايغا كېلىپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، ئون پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە «پېشقەدەم مەخپىي پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم پارتىزان، پېشقەدەم توشۇغۇچى، پېشقەدەم ئالاقىچى، سوۋېت رايونلىرىدىكى پېشقەدەم كادىر» ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئاساسىي قاتلام يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە «ئارمىيە تامىقى» يېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي خىزمەتنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى ھاياتلىق قان تومۇرى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  خۇەن شىنشىن («قەيسەر 6-ليەن»نىڭ سىياسىي يېتەكچىسى بولغان)

  رەئىس شى جىنپىڭ بىزدىن قەيسەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

  «پۈتۈن ليەندىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ قەيسەرلىك روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ليەندۈي قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن!» تۆت يىلدىن بۇيان، خۇەن شىنشىن باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئىزچىل ئەستە چىڭ ساقلاپ كەلدى.

  نەنجىڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۇەنى «قەيسەر 6-ليەنى»نىڭ سىياسىي يېتەكچىسى خۇەن شىنشىن ئەسلىدىكى نەنجىڭ ھەربىي رايونى ئاساسىي قاتلام ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

  خۇەن شىنشىن مۇنداق دېدى: چۈش سائەت 11 يېرىملاردا رەئىس شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تاماقخانىغا كىردى. ئۇ قىسىمنىڭ 11 ئاساسىي قاتلام كادىرى ۋە قەھرىمان، نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. مېنىڭ «قەيسەر 6-ليەن»نىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ، بىز تۇرۇشلۇق ليەننىڭ ئورنىنى توغرا ئېيتىپ بەردى.

  شى جىنپىڭ 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغاندا 6-ليەننى كۆزدىن كەچۈرگەن. ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئېسىدە يەنە شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ، دېدى خۇەن شىنشىن.

  خۇەن شىنشىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۇ پۇرسەت بولسىلا چوقۇم ليەنىڭلارغا قايتا بارىمەن دېگەن. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئىنتايىن ھاياجانلىق بىلەن، خاتىرجەم بولۇڭ رەئىس، مەن چوقۇم نىشاننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئۆزۈمنى بېغىشلايمەن، دېدىم. رەئىس شى جىنپىڭ گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مېنى بىر تەرەپتىن ماختاپ، بىر تەرەپتىن قولۇمنى چىڭ تۇتقان.ئارقىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ بىرلىكتە «قىزىل ئارمىيە تامىقى» يېيىشكە چاقىردى. كۆپچىلىك مەززە قىلىپ يېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن يېگەچ، بىر تەرەپتىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي قەھرىمان ياڭ جىڭيۈنىڭ تەسىرلىك ئىش-پائالىيەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر