باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشنى داۋالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ ئېلان قىلدى

ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينىغاندا، بىر قېتىملىقى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك

2018.09.26 18:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «جۇڭگو ياشلار-ئۆسمۈرلەر ساغلاملىق تەربىيەسى يادرولۇق ئۇچۇرلىرى ۋە يېشىمى (2018-يىل نەشرى)»نى رەسمىي ئېلان قىلدى. يىراقنى كۆرەلمەسلىك، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، تاماكا چېكىش ۋە چۈشكۈنلۈك قاتارلىق پىسخىكىلىق مەسىلىلەر ۋە تورغا خۇمار بولۇش قاتارلىق ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان توققۇز ئاساسلىق مەسىلە بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا مىقياسىدا ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا باغلىنىپ قېلىش ئەھۋالى كۆپ ئۇچرايدۇ، جۇڭگولۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەرلەرنىڭ تورغا زىيادە باغلىنىپ قېلىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %10كە يېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېلىمىزدە تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشنى داۋالاش ئۆلچىمى بېكىتىلمەكتە ئىكەن، ناھايىتى تېزلا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.

  ھۆججەتتە ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەكلىپى بېرىلدى: ياشلار-ئۆسمۈرلەر ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر سائەت ئوتتۇراھال-يۇقىرى سىجىللىقتا ھەرىكەت قىلىشى، ئۆمۈرلۈك ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنى يېتىشتۈرۈشى لازىم. ھۆججەتتە يەنە مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: ياشلار-ئۆسمۈرلەر قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر كۈنى 10 سائەت، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توققۇز سائەت، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەككىز سائەت ئۇخلىشى كېرەك.

  ئوقۇش-يېزىشتا كۆزنى ئادەتتە 40 مىنۇتتىن ئارتۇق ئۇدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ھەر كۈنى تەبىئىي نۇر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئادەتتە بىر سائەتتىن ئېشىشى كېرەك. ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئومۇميۈزلۈك دۇچ كەلگەن باشلانغۇچ مەكتەپلەردىلا كۆزەينەك تاقايدىغان مەسىلىگە قارىتا، «يادرولۇق ئۇچۇر ۋە يېشىم»دە ناچار كۆرۈش مۇھىتى ۋە ھەرىكىتىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا كۆپ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى ئېيتىلدى. يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئالامەتلىرى پەيدا بولغاندىن كېيىن، يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار تاقايدىغان كۆزەينەكنى تاقىمىغاندا ياكى تۈزەش يېتەرلىك بولمىغاندا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

  «يادرولۇق ئۇچۇر ۋە يېشىم»دە، ياشلار-ئۆسمۈرلەر كۆز قىسمى ساغلاملىق بىلىملىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشى، كۆزىنى ساغلام ئىشلىتىش ئادىتى يېتىلدۈرۈشى، ئوقۇش-يېزىشتا كۆزنى ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتى 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، غەيرىي ئۆگىنىش مەقسىتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش ۋاقتى بىر قېتىمدا 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ھەر كۈنى جەمئىي بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ھەر كۈنى تەبىئىي نۇر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى 60 مىنۇتتىن ئۇزاق بولۇش لازىملىقىدەك مەسلىھەتلەر بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر