باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى «چاڭجياڭ ئالىملار مۇكاپاتى پىلانى»نىڭ چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2018.09.26 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 25-سېنتەبىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى دەۋردىكى مائارىپ سىستېمىسى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «<چاڭجياڭ ئالىملار مۇكاپاتى پىلانى> باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزۈپ، چاڭجياڭ ئالىملار مۇكاپاتى پىلانىغا تاللىنىدىغان ئالىملارنىڭ ئاساسىي شەرتى، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرغان ھەمدە «چاڭجياڭ ئالىملار مۇكاپاتى پىلانى»نىڭ چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  باشقۇرۇش چارىسىدە «چاڭجياڭ ئالىملار مۇكاپاتى پىلانى»دىن چېكىنىپ چىقىشقا، كېلىشىمنى بىكار قىلىشقا ئائىت بىر قاتار ئەھۋاللار بەلگىلەنگەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى كادىرلار مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: سىياسىي ئۆلچەم ۋە ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى چاڭجياڭ ئالىملار پىلانىدىكى ئالىم بولۇشقا تاللىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىنىپ، بۇ چېقىلىشقا بولمايدىغان تۆۋەن چەك ۋە قىزىل سىزىق قىلىپ بەلگىلەنگەن.

  باشقۇرۇش چارىسىدە مۇنداق بەلگىلەندى: سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن بولۇپ، ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق قىلىپ تاللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا زىت ۋە ئىلىم ئەخلاقىي قىلمىشى ئېغىر بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا، مەجبۇرىي چېكىندۈرۈلىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى كادىرلار مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باشقۇرۇش چارىسىدە، ئىش ۋاقتىنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان پىروفېسسور ۋە ياش ئالىملارغا تەكلىپ قىلىش مۇددىتى ئىچىدە چوقۇم پۈتۈن كۈن ئىش ئورنىدا بولۇش، كادىرلار مۇناسىۋىتى پەۋقۇلئاددە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا تەكلىپ قىلغان ئالىي مەكتەپتە بولۇش، لېكسىيە بېرىدىغان پىروفېسسورلارغا قارىتا ھەر يىلى تەكلىپ قىلىنغان ئالىي مەكتەپتە جەمئىي ئىككى ئايدىن كەم بولمىغان خىزمەت قىلغان بولۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش مۇددىتى ئىچىدە، ئىش ئورنىغا كېلەلمەسلىك، ئىشلەش ۋاقتى يېتەرلىك بولماسلىق ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشقا قارىتا چوقۇم چېكىندۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر