خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 26-چېسلا، چىچىخاردىن جىلىن ئۆلكىسى سوڭيۈەن شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، چاگان كۆلىگە كېلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇ ئەھۋالىنى قوغداش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. بېلىق تۇتۇش لەيلىمە كۆۋرۈكىگە چىقىپ، قايناق بېلىق تۇتۇش كارتىنىسىنى كۆردى. تورنى يىغقان چاغدىكى بېلىقلارنىڭ سەكرەشلىرى كۈن نۇرىدا مەرۋايىتتەك كۆزنى چاقنىتاتتى. شى جىنپىڭ بېلىقچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ياپيېشىل تاغلار، قار-مۇزلۇق زېمىنلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن-كۈمۈش. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيە ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۆزئارا ماسلاشقاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، بۇ يولدا ئاخىرغىچە مېڭىش كېرەك.
ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەر يىلى بەرىكەتلىك بولۇشىنى، باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى