باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي جامائەت پىكرىنى زورايتىپ، كۈچلۈك يېتەكلەش كۈچىگە، تارقىتىش كۈچىگە، تەسىر كۈچىگە ئىگە، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك، دېدى

2018.09.27 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەبرىك خېتى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇلغانلىقى ۋە يېڭى جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئېلىمىزدىكى كەڭ تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  تېلېۋىزىيە ئىشلىرى پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 60 يىلدىن بۇيان، كەڭ تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئىجابىي كۈچ تارقىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، يولداشلار مەركەزنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش، ئارتۇقچىلىقنى مۇجەسسەملەش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئېسىل ئەسەرلەرنى كۈچەپ يارىتىپ، تاشقى تەشۋىقاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنى مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونى دۇنياغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئەتراپلىق نامايان قىلدى.

  مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»نى چىڭىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە، ئىچكى-تاشقى تەشۋىقات، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي جامائەت پىكرىنى زورايتىپ، كۈچلۈك يېتەكلەش كۈچىگە، تارقىتىش كۈچىگە، تەسىر كۈچىگە ئىگە، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جاسارەت بىلەن خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  شى جىنپىڭ

  2018-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇلغانلىقى ھەم يېڭى جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 60 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: تېلېۋىزىيە ئىشلىرى __ پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 60 يىلدىن بۇيان، كەڭ تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئىجابىي كۈچ تارقىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا پائال تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تەشكىللەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش، ئارتۇقچىلىقنى مۇجەسسەملەش، بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئېسىل ئەسەرلەرنى كۈچەپ يارىتىپ، تاشقى تەشۋىقاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنى مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونى دۇنياغا ھەقىقىي، ئىسترېئولۇق، ئەتراپلىق نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر