باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو باش ئەلچىخانىسى شىۋېتسىيەنىڭ جۇڭگونى ھاقارەتلەشكە ياتىدىغان تېلېۋىزىيە نومۇرىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

ساختا ئەپۇ سوراشنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

2018.09.27 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگونىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شىۋېتسىيەنىڭ جۇڭگونى ھاقارەتلەشكە ياتىدىغان تېمىدىكى تېلېۋىزىيە نومۇرىغا قارىتا قايتا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇنداق «ئەپۇ سوراش»تا سەمىمىيلىك كەمچىل، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان ھەم ساختىلىققا تولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئالاقىدار نومۇر گۇرۇپپىسىنى پۈتۈن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار، چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇقلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سوراشقا ۋە ئىرقچىلىقنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىشكە ۋەدە بېرىشكە كۈچلۈك ئۈندەيمىز.

  تۆۋەندىكىسى ئۇقتۇرۇشنىڭ تولۇق قىسمى:

  بىز شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆڭۈل ئېچىش قانىلىنىڭ نومۇر مەسئۇلى خېرنىڭ 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگونى ھاقارەتلەش مەزمۇنىدىكى نومۇرغا ۋەكالىتەن ئەپۇ سورىغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. بىز كەسكىن ھالدا شۇنى كۆرسىتىمىزكى، خېر تېلېۋىزىيە نومۇرىدىكى جۇڭگوغا قىلغان ھۇجۇمى ۋە جۇڭگولۇقلارغا بولغان قىپيالىڭاچ ئىرقىي كەمسىتىش توغرىسىدىكى خاتالىقى ئۈچۈن چوڭقۇر ئويلانمىغان، تېلېۋىزىيە نومۇرىدا تەيۋەن ئۆلكىسى ۋە شىزاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرى چۈشۈرۈلمىگەن جۇڭگو خەرىتىسىنى ئىشلەتكەن خاتالىقىغا پۇشايمان قىلىپ ئەپۇ سورىمىغان. بۇ خىل «ئەپۇ سوراش»نىڭ سەمىمىيلىكى كەمچىل، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان ھەم ساختىلىققا تولغان. بىز شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئالاقىدار نومۇرنىڭ مەسئۇللىرىنى قايتا گەپ يورغىلاتماي، ئاتالمىش «ئەسلىي مەقسىتى»، «مەنىسى كەمچىل بولۇپ قالغان»، «مەدەنىيەت ئوخشاشماسلىقى» قاتارلىق باھانىلەر بىلەن يوشۇرماسلىققا، قايتا-قايتا خاتالىق سادىر قىلماسلىققا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز. بىز شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئالاقىدار نومۇر گۇرۇپپىسىنى پۈتۈن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار، چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇقلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سوراشقا ۋە ئىرقچىلىقنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىشكە ۋەدە بېرىشكە كۈچلۈك ئۈندەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر