باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز «شياڭگاڭ مىللىي پارتىيە»سىنىڭ مەشغۇلات قىلىشىنى چەكلەش جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، بۇنىڭدا چەت ئەلنىڭ ھەرقانداق مۇداخىلىسىنى سىغدۇرمايمىز، دېدى

2018.09.26 19:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 25-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە «شياڭگاڭ مىللىي پارتىيە»سىنىڭ مەشغۇلاتىنى چەكلەشنى قارار قىلىشى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شياڭگاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى قوغداشتىكى تېگىشلىك تەدبىر، ئۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، بۇنىڭدا چەت ئەلنىڭ ھەرقانداق مۇداخىلىسىنى سىغدۇرمايمىز.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت ئاساسىي قانۇن گېزىتىگە «شياڭگاڭ مىللىي پارتىيە»سىنىڭ مەشغۇلاتىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقارغانلىقىغا قارىتا ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھەقتە بايانات ۋە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى سۆز ئەركىنلىكى، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنى چەكلىگەنلىك، دەپ ئاتىدى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بەزىبىر دۆلەت ۋە ئاپپاراتلار شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ «شياڭگاڭ مىللىي پارتىيەسى»نىڭ مەشغۇلاتىنى مەنئى قىلىشىغا قارىتا قالايمىقان گەپ-سۆز قىلىپ، ئۆزى بىلگەنچە باھا بەردى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى»نى تەرغىپ قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلايدىغان ھەرقانداق بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلات ۋە ھەرىكەتلەرگە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئالاقىدار دۆلەت ۋە ئاپپاراتلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، «سۆز قىلىش ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى» قاتارلىق ناملارنى كۆتۈرۈۋېلىپ، شىياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارلىشىشىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

  كۆرۈپ ېېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر