- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىپ بېرىشنى جاكارلىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
2018.09.26 19:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-چېسلا، بىر مۇخبىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى رېن گوچياڭدىن مۇنداق سوئال سورىدى: تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تەيۋەنگە كۈرەشچى ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرى، زاپچاسلىرى ۋە ئالاقىدار مەدەت بېرىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 330 مىليون دوللارلىق قورال-ياراغ سېتىپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. جۇڭگو ئارمىيەسى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟
رېن گوچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 330 مىليون دوللارلىق قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى پارلامېنتقا ئۇقتۇرۇش قىلدى. جۇڭگو ئارمىيەسى بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ھەم ئامېرىكا بىلەن جىددىي سۆھبەتلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. رېن گوچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى، بىز ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو -ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ، ئىككى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەننىڭ تىنچ-مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.
رېن گوچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش تۈرلىرىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ۋە ئامېرىكا-تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ئالاقىنى توختىتىشىنى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋىتى شۇنداقلا تەيۋەننىڭ مۇقىملىقىغا يەنىمۇ زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر