باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە جەزمەن ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش لازىم

2018.09.29 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «دۆلىتىمىزدە يولغا قويۇلۇۋاتقىنى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم»، «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئورنى مۇھىم، رولى ئاچقۇچلۇق بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەڭداشسىز مۇھىم تايانچ كۈچى»، «<ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك>تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى ۋە سودا مۇھىتىنى يارىتىش لازىم». باش شۇجى شى جىنپىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» توغرىسىدىكى مۇھىم فاڭجېننى قايتا تەكىتلەپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى يەنىمۇ شەرھلىدى، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزگەرمەس مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردە ئېلىمىزنىڭ تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  بۇ قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر كارخانىغا ۋە بىر پۇقراۋى كارخانىغا باردى، بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەنىسى چوڭقۇر ئىدى. ئىسلاھات تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلىسەك، دەل مۇشۇنداق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم يولغا قويۇلغانلىقتىن، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈلۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلگەن. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىمۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكمۇ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى» دەپ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: «ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا قىلچە تەۋرەنمەسلىك، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، قوللاش، يېتەكلەشتە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» دەپ قايتا تەكىتلەندى. مۇندق دېيىشكە بولىدۇكى، پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشتىكى قارىشى ئېنىق، ئىزچىل، يەنە كېلىپ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدۇ، ھەرگىز تەۋرىنىپ باقمىغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىدا بۇ مەزمۇن ئېنىق يېزىلغان، بۇ ئۆزگەرمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان ياكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى ئىنكار قىلىدىغان كۆزقاراشنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇڭا بۇ خىل قاراش خاتا قاراش ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ ېېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر