خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندونېزىيەنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسى 29- چېسلا ئىسپاتلىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 13كە قەدەر، ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا سۇلاۋىسى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان دېڭىز تاشقىنىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 384كە يەتكەن، يەنە 540 ئادەم يارىلانغان.
ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى سودا ۋاۋۇ جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تەۋرەش مەركىزىگە تەخمىنەن 80 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوتتۇرا سۇلاۋىسى ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى پالۇ شەھىرىنىڭ ئاپەت ئەھۋالى ئېغىر. ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، پالۇ شەھەرلىك دوختۇرخانىدا ياتاق قىسلىقى كېلىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن، بىر قىسىم يارىدارلار ئۈستى ئوچۇق مەيداندا داۋالىنىشقا مەجبۇر بولماقتا.
سودا ۋاۋۇ مۇنداق دېدى: بىرلەشمە قۇتقۇزۇش ئەترىتى قازا قىلغانلارنى ئىزدەش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارماقتا. ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسى تەۋرەش مەركىزىدە تۇرۇشلۇق جاي دوڭگالا ناھىيەسىنىڭ ئاپەت ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىنى ھازىرغا قەدەر تېخى تاپشۇرۇپ ئالمىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاپەتتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋە مال مۈلۈك زىيىنى ئەھۋالى يەنە ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئاپەت رايونىنىڭ شۇ جايدىكى تاراتقۇلار تەرىپىدىن تارتىلىپ ئېلان قىلىنغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتى پالۇ شەھىرى دېڭىز بويىدىكى كوچىدا ۋاقتىنچە تىزىلىپ قويۇلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى