باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەتنى ھەل قىلىپ، يېڭىچە كەيپىيات، يېڭىچە مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يېڭى نەتىجىلەر بىلەن، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2018.09.29 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەمدە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىچە تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۆنىلىشنى نىشانلاپ، كۈچنى ساقلاپ، ئىسـلاھـاتـنى چـوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەتنى ھەل قىلىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلىنىپ، ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە كەيپىيات، يېڭىچە مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  بۇ ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، شەرقىي شىمالنىڭ كەڭ زىمىنىدا مول ھوسۇل شادلىقى ئۇرغۇپ تۇرماقتا. 9- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چىڭۋېي، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ ۋېنتاۋ، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بايىن چاۋلۇ، ئۆلكە باشلىقى جىڭ جۈنخەي، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چيۇفا، ئۆلكە باشلىقى تاڭ يىجۈن قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، خېيلۇڭجياڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جيەنسەنجياڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە چىچىخار شەھىرى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سۇڭيۈەن شەھىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ لياۋياڭ شەھىرى ۋە فۇشۇن شەھىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

  25- چېسلا چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جيەنسەنجياڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جيەنسەنجياڭ بولسا، ئۈچ دەريا تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بېيداخۇاڭ تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەركىزىگە كېلىپ، زامانىۋى يىرىك يېزا ئىگىلىكى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، «ئۈچ دەريانى تۇتاشتۇرۇش»سۇ بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلىدى. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قوماندانلىق مەركىزىدە، شى جىنپىڭ خىزمەتچى خادىملاردىن يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا تورى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ھەمدە دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يىراقتىن باشقۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭ ئېكران ئارقىلىق كۆزدىن كەچۈردى.

  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەركىزىدىن باشقا، يەنە چىشىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈلدى. مانا ماۋۇچىشىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 10 نەچچە مىڭ مو يەرنىڭ مول ھوسۇلىدىن ئۈمىد بار، ئەنە ئاۋۇ رەت-رەت بولۇپ كېتىۋاتقان ئورۇش كومبايىنلىرى بىرلەشمە مەشغۇلاتلارنى قىلماقتا. شى جىنپىڭ شاللار ئورۇلىۋاتقان ئېتىزلارغا قەدەم قويۇپ، شاللاردىن ھوسۇل ئېلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كومبايىن شوپۇرلىرى كومبايىندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ھەمدە ئۇلاردىن، بۇ يىل ھوسۇل قانداقراق؟ ئاشلىق باھاسى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ ئائىلىلەرنىڭ كىرىم ئەھۋالى قانداق؟ پەرزەنتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قانداقراق؟ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تىجارەت قىلىشتا قانداق قىيىنچىلىقلىرى ۋە تەلەپلىرى بار؟ دەپ سورىدى، ھەمدە ئۇلارغا بىخەتەر ئىشلەشكە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىش ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك چوڭ بازىسى، چوڭ كارخانىسى ۋە چوڭ كەسىپلىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە بىر پۈتۈن ئەمەلىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىدىكى تايانچلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېشىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىشلىتىش بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، قارا تۇپراقنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە ۋە چېكىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر