باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ساقلانما كۆلىمى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتتى

2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا چەت ئەلگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ساقلانما مىقدارى 1 تىرىليون 809 مىليارد 40 مىليون دوللارغا يەتتى

2018.09.29 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 28-سېنتەبىر ئۆتكۈزگەن «جۇڭگونىڭ 2017-يىللىق چەت ئەلگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىنىڭ ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىنىڭ ساقلانما مىقدارى 1 تىرىليون 809 مىليارد 40 مىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە چەت ئەللەرگە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغ ساقلانما ئۈلۈشىنىڭ %5.9تىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى 189 دۆلەت، رايونغا تارقىلىپ، ساقلانما كۆلىمى ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 451 مىليارد 650 مىليون دوللار ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ساقلانما مىقدار رەت تەرتىپىدە 2-ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن تۆت ئورۇن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى 158 مىليارد 290 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.3 تۆۋەنلىگەن، بۇ ئېلىمىز 2003-يىلى يىللىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان كۆرۈلگەن تۇنجى مەنپىي ئېشىش بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تارىختىكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا ئىككى يىل %10تىن ئاشقان. ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشىنىڭ دۇنيا بويىچە چەت ئەللەرگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشقا بولغان تەسىرى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرغان. قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش مىقدارى ئۇدا ئۈچ يىل چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشتىن يۇقىرى بولغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر