باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يەنە 15 تۇياق پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنى تەبىئەتكە قويۇپ بەردى

دالىدا بېقىش تەجرىبىسىدە ئىزدىنىش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، غەربىي رايوننىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى

2018.09.30 10:55   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ يەنە 15 تۇياق پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنى تەبىئەتكە قويۇپ بەردى

  9– ئاينىڭ 27 – كۈنى، شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدىكىلەر قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋاناتلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنى قويۇپ بەرمەكتە.

  مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  مۇخبىرىمىز گاۋ ۋا خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋاناتلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا 15 تۇياق پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنى قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ دالىدىكى تۈر توپى سانى 221 تۇياققا يەتتى.

  شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما شىنپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 17 يىل تىرىشىش ئارقىلىق، پىرژىۋالسكى ياۋا ئاتلىرىنى دالىدا بېقىش تەجرىبىسىدە ئىزدىنىش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، غەربىي رايوننىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ تىپتىكى ياۋايى ھايۋاناتلارنى قويۇپ بېرىشى ۋە ياۋايىلاشتۇرۇشىنى پايدىلىق تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىگەن. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدىكى ياۋا ئات تۈر توپى 411 تۇياققا يېتىپ، جەمئىي 16 تۈركۈمدە 110 تۇياق ياۋا ئات تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ياۋا ئاتلارنى تەبىئەتكە قويۇپ بېرىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن، بۇ مەركەز 5 – ئايدىلا ياۋا ئاتلارنى توپقا ئايرىش خىزمىتىنى تاماملاپ، توققۇز بايتال ۋە ئالتە ئايغىرنى ئەسلىدىكى توپىدىن ئايرىپ چىقىپ، ئۇلارنى دالىدا بېقىلىدىغان بايتال توپى ۋە دالىدا بېقىلىدىغان ئايغىر توپىغا ئايرىپ، بۇ ئىككى توپ ئاتنى 3000 مولۇق يېرىم تارقاق بېقىش رايونىدا يېرىم تارقاق بېقىش مەشىقى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دالىغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن ھەم ئۇلارنى كارانتىن قىلغان ۋە ئۇلاردىكى قۇرتلارنى يوقاتقان.

  ما شىنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دالىدا بېقىلىۋاتقان ياۋا ئات تۈر توپىنىڭ كۆپىيىپ ئەي بولۇش نىسبىتى %100كە يەتتى، بۇ، ياۋا ئاتلارنىڭ دالىغا ماسلىشىشچانلىقى ۋە ياۋا ئات تۈرى توپى تۇراقلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋا ئاتنىڭ ئەسلىي ماكانى ـــــ قارامايلى تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، دالىدا بېقىلىدىغان ياۋا ئات تۈر توپىنىڭ كۆپىيىپ ئەي بولۇش نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى مىرزابېك مۇقاش تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپەيتكەن كۆپ ساندىكى ياۋا ئاتلار قوغدىغۇچىلارنىڭ كۈتۈشىدىن ئايرىلىپ، نىسپىي مۇقىم ياۋايى تۈر توپىنى شەكىللەندۈردى، نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان، چوڭ مۈشۈكئېيىقتىنمۇ قىممەتلىك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان بۇ ياۋايى ھايۋان تۈرى قۇتقۇزۇپ قېلىندى.

  پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى ھازىر يەرشارىدا ياشاۋاتقان بىردىنبىر ياۋا ئات بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاتنىڭ ئىپتىدائىي گېنى ساقلىنىپ قالغان، ئىلگىرى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىغىچە بولغان چۆللۈكتىكى ئوتلاق بەلبېغىدا ياشىغان، ئۇلار ئات تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئىرسىيەت كۆپ خىللىقى، شۇنداقلا ئۆي ئېتىنىڭ شەكىل ۋە خۇسۇسىيىتىنى ياخشىلاش ۋە نەسىل يېتىشتۈرۈشتىكى ئەتىۋارلىق ھايۋانات تۈرى ھېسابلىنىدۇ. 19 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى، ئۇلار رۇسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى پىرژىۋالسكى تەرىپىدىن ‹‹پىرژىۋالسكى ئېتى›› دەپ نام بېرىلگەن. ھازىر دۇنيادا تەخمىنەن 2000 تۇياق پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ