باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ياردەم قىلىپ قۇرۇغان سىرلانكا سۇ تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش بىرلەشمە مەركىزى تۈرىدە ئىش باشلاندى

2018.09.29 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ياردەم قىلىپ قۇرۇغان سىرىلانكا سۇ تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش بىرلەشمە مەركىزى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمى 28- سېنتەبىر سىرىلانكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر كاندىغا جايلاشقان پېرادېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  سىرىلانكا شەھەر يىرىك پىلانى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رالپىخ • خاكىم ئىش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇشقا باشلىنىشى سىرىلانكىنىڭ سەۋەبى ئېنىق بولمىغان سوزۇلما بۆرەك كېسىلى تەتقىقاتى ۋە بىخەتەر ئىچىملىك سۇ تېخنىكا تەتقىقاتىغا پۇختا ئاساس سالدى. مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئىككى دۆلەت بۇ قېتىمقى سۇ تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش بىرلەشمە مەركىزى تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ جيەنگو مۇنداق دېدى: سىرلانكا سۇ تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش بىرلەشمە مەركىزى تۈرى بولسا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چەت ئەلدە قۇرغان 9- تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەركەز پۈتكەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى قۇرغاقچىلىق رايوندىكى سەۋەبى ئېنىق بولمىغان سوزۇلما بۆرەك كېسىلى ۋە ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا بەخت يارىتىدۇ.

  سىرىلانكا سۇ تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش بىرلەشمە مەركىزى قورۇلۇشىنى جۇڭگو تۆمۈر يول 4- ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان. بۇ مەركەزنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 5000 كىۋادرات بولۇپ، پەن تەتقىقات ئۇنىۋېرسال بىناسى، مۇتەخەسسىسلەر ياتاق بىناسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، جۇڭگو يەنە سىرىلانكىنى سۇ سۈپىتىنى ئانالىز قىلىش سۇپىسى ۋە سۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى 100 نەچچە خىل تەجرىبە ئەسۋابلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شۇ كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى- پېرادېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە پەن ـ مائارىپ مەركىزى قۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر