باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

مەكتەپلەرنىڭ چېگرا سىرتىدىكى دەرسلىكلەرنى دۆلەتنىڭ دەرس ماتېرىياللىرىغا ئالماشتۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ

2018.09.21 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى دۆلەت دەرسلىكلىرىگە قارىتا بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ، تۈزۈش-نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دەرسلىك مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشى، مەكتەپلەرنىڭ ئۆز مەكتىپىنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرى ۋە چېگرا سىرتىدىكى دەرسلىكلەرنى دۆلەتنىڭ دەرس ماتېرىيالىغا ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ.

  «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك تاللاپ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» بويىچە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت دەرسلىكلىرىگە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن دەرسلىكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك ھەمدە ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. لېكىن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا بايقىشىچە، ئايرىم بىر قىسىم تۈزۈش، نەشر قىلىش ئورۇنلىرى بەزى نۇسخىدىكى دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتكەن، ئايرىم مەكتەپلەردە مەكتەپنىڭ دەرسلىكلىرىنى دۆلەتنىڭ دەرسلىكىگە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ساقلانغان. دەرسلىكنىڭ نوپۇزى ۋە سۈرىنى قوغداش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىشى بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى دۆلەت دەرسلىكىنى بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى دەرھال ئۆز رايونىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈشى، مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرى ياكى چېگرا سىرتىدىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى دۆلەتنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرىغا ئالماشتۇرۇش ياكى تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن دەرسلىكنى ئىشلىتىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش ۋە تازىلاش لازىم؛ ھەر قايسى دەرسلىكلەرنى تۈزۈش-نەشر قىلىش ئورۇنلىرىمۇ ئۆزى تۈزۈپ نەشر قىلغانلىرىنى 2011-يىللىق نۇسخىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىك ئۆلچىمىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ ماقۇللىغان دۆلەت دەرسلىكلىرىگە ئاساسلىنىپ ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى لازىم. ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش دوكلاتى دەرسلىك نەشر نۇسخىسى، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقى، ئۆزگەرتىش مەزمۇنى ۋە تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم، ئەگەر ئەھۋالنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەن ياكى قەستەن يوشۇرغانلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى دەرسلىك ئىدارىسى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، مەزمۇنى ئۆزگەرتىلگەن دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىپ، بىر تەرەپ قىلش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئالاقىدار تۈزۈپ نەشر قىلىش ئورۇنلىرى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش پىكرىگە ئاساسەن ئەستايىدىل تۈزىتىشى كېرەك، تەستىق ۋە قوشۇلۇشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن داۋاملىق نەشر قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى دەرسلىك ئىدارىسى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قەرەلسىز ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر