باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شاۋچۈن قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2018.09.21 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مالىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شاۋچۈننىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنۇلار بايقالدى: جاڭ شاۋچۈن سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇناسىۋەتلىك دېلو ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن قارشىلاشقان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرگەن، ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتنى قۇبۇل قىلغان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپە تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا پايدا يەتكۈزگەن ھەمدە پۇل-مېلىنى ئالغان؛ پاك- دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، پۇل ۋە ئىشقىۋازلىق سودىسى قىلغان، سوۋغات، ھۆرمەت پۇلى قوبۇل قىلغان؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان. ۋەزىپىسىدىكى قولايلىق ياكى خىزمەت ھوقۇقى ياكى مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا پايدا يەتكۈزگەن ھەم زور سوممىلىق پۇل ئۈندۈرۈۋالغان بولۇپ، پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلىدۇ.

  جاڭ شاۋچۈن پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرى بولۇپ تۇرۇقلۇق، غايە-ئېتىقادىنى يوقاتقان، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى يوق، ھوقۇق قارىشىدا ئاينىپ كەتكەن، دۆلەت ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى پايدا ئۈندۈرىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋالغان، تۇرمۇشتا چۈشكۈنلىشىپ، خالىس «قورشاپ ئوۋلانغان»، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ ھەمدە ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئىشلىرى ئاساسلىقى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، خاراكتېرى تىپىك ئۆزىنى تارتماسلىق، قولىنى يىغماسلىق قەبىھ قىلمىشقا تەۋە، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جاڭ شاۋچۈنگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەنلىرى قايتۇرۇۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق پۇل-مال دېلوغا قوشۇلۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر