باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى

2018.09.21 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىستېمال − ئەڭ ئاخىرقى ئېھتىياج ھەم ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، شۇنداقلا خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈزۈلمە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىش − ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قاتارلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ زور نىسبەت مۇناسىۋىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ يىراق كەلگۈسى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق؛ ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا پايدىلىق.

  يېقىنقى يىللادىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىستېمال كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئستېمال سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتە ئىستېمالنىڭ كېڭىيىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە مېخانىزم توسالغۇسى يەنىلا گەۋدىلىك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىستېمال بازىرى شەھەر-بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخى ئۈنۈملۈك قاندۇرالمايۋاتىدۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىستېمالنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تېخى ئۇيغۇنلىشالمىدى، سۈپەت ۋە ئۆلچەم سىستېمىسى ئىستېمالنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ سىغىمنى كېڭەيتىش ئېھتىياجىدىن ھېلىھەم ئارقىدا قالماقتا، ئىناۋەت سىستېمىسى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مېخانىزمى رولى تېخى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ، ئىستېمال سىياسىتى سىستېمىسىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە كۆزلىمىسىنى ياخشىلىشىغا ئۈنۈملۈك تىرەك بولۇشى تەس بولماقتا. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىچە پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  1. يېتەكچى ئىدىيەسى

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشقا ماسلىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يېڭى يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تۈزۈلمە مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنى يېتەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ھالقىسىغا تەڭ كۈچەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىستېمالنىڭ ئىنچىكە ئايرىلغان بازارلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ياخشى بولغان ئىستېمال مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مۇۋاپىق ئىستېمال كۆزلىمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى يېتەكلەپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر