- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيا تىل بايلىقىنى قوغداشنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلدى
2018.09.20 14:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا تىل بايلىقىنى قوغداشنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى بۈگۈن چاڭشادا ئېچىلدى، 40 دۆلەتتىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ۋە پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مېھمانلىرى ۋە قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى (كونسۇللار)نىڭ مېھمانلىرىمۇ يىغىنغا قاتناشتى.
بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ۋە پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى، جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ۋە پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودىكى مەملىكەتلىك كومىتېتى، دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ۋە خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. «تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا بولغان رولى: تىل بايلىقىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش» بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسىي تېما قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر