فارارى شىركىتى تەمىنلىگەن بۇ بىر پارچە ماتېرىيال سۈرەتتىكىسى فارارى شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى ماشىنىسى Monza SP1.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فارارى ئاپتوموبىل شىركىتى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈنسېرى قاتتىق بولۇۋاتقان قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، 2022- يىلىغا بارغاندا، مەزكۇر شىركەتنىڭ تەخمىنەن %60چە ئاپتوموبىللىرىغا ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسىدىكى موتورلار ئىشلىتىلىدۇ، باشقا تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا ئىچىدىن يانىدىغان ئادەتتىكى موتورلار ئىشلىتىدۇ. شۇ كۈنى، فارارى شىركىتى مارانېرودىكى زاۋۇتتا يېڭى تىپتىكى Monza SP1 ۋە Monza SP2ئاپتوموبىللىرىنى ئېلان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى