9- ئاينىڭ 19- كۈنى، خىزمەتچى خادىملار «داليەن كېچىسى» نەق مەيدانىدا دالىيەننىڭ ئۆزگىچە جۇۋاۋىسىنى تۈگمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، 12- نۆۋەتلىك يازلىق داۋۇس مۇنبىرى ( 2018- يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يېڭى باشلامچىلار يىللىق يىغىنى)نىڭ شەھەر كېچىسى پائالىيىتى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا «داليەن كېچىسى» ۋە «گۇاڭجۇ كېچىسى»دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا شەھەر ئوبرازىنى نامايان قىلىش ۋە شۇ جايدىكى يېمەك-ئىچمەكلەرنى تەۋسىيە قىلىش، ئۆزگىچە ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى