9- ئاينىڭ 18- كۈنى، «شۈنفېڭ» ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قىسقۇچپاقا بېسىلغان بىر تولۇق يۈك توشۇش ئايروپىلانى ياڭجوۋ، تەيجوۋ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ماللارنى قاچىلاپ ئۇچۇشنى كۈتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، ئون توننىغا يېقىن تىرىك ھالەتتىكى يېڭى قىسقۇچپاقىلارنى قاچىلىغان بىر تولۇق يۈك توشۇش ئايروپىلانى ياڭجوۋ، تەيجوۋ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن چاڭچۇنگە قاراپ ئۇچتى. بۇ، ياڭجوۋ ۋە تەيجوۋ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ تۇنجى تولۇق يۈك توشۇش ئايروپىلان لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر ياڭجوۋ ۋە تەيجوۋ رايونلىرىدا قىسقۇچپاقىلار بەس-بەستە بازارغا سېلىنىدىغان بېسىق مەزگىل بولۇپ، مال تىرانسپورت شىركەتلىرى ئايرودۇرۇم بىلەن بىرلىشىپ، قىسقۇچپاقىلارنى ھاۋ بوشلۇقىدا تېز توشۇش لىنىيەسىنى ئاچتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى