- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2018. بېيجىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى يېپىلدى
2018.09.20 14:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «2018 • بېيجىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» يىغىنى 9- ئاينىڭ 19- كۈنى بېيجىڭدا يېپىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە: «نامراتلىقنى تۈگىتىش: نامراتلىق بولمىغان، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىندى، ھەمدە 4 شۆبە مۇنبەر تەسىس قىلىندى. ئاساسلىق تېمىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا: نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ ۋە ياشاش ھوقۇقى، ھەمدە تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى؛ جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىدىيەسى، نەتىجىسى ۋە تەجرىبىسى قاتارلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىكى ئەھمىيىتى؛ نامراتلارنى ئازايتىشنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپتى.
50 گە يېقىن دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىم ۋە داڭلىق ئەربابلار قاتارلىق 200دىن ئارتۇق كىشى بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتناشتى.
9- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار يەنە بېيجىڭ شەھىرى خۇەيرۇ رايونىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان بېيگۇ كەنتىنى كوللېكتىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە تەكشۈردى، ھەمدە بۇ كەنتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە نامراتلارنى ئازايتىشتىكى نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
مەزكۇر مۇنبەر يىغىنى 2008- يىلى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، بۇ «بېيجىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇدا توققۇز نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، نەتىجىدە ئۇ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئالاقىلىشىش ۋە سۆزلىشىش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى، ھەمدە يەنە بىر قاتار ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇش شەكىللەندى، ھەم شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتىنىڭ كۆپەيتىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر