باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2018- يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.09.20 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 9- ئاينىڭ 19- كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018- يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار، ئەلئارا تىنچلىق تەشكىلاتلىرى، خەۋپسىزلىك ئاقىللار ئامبىرى ۋەكىللىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنى چىن قەلبىمدىن سەمىمىي قارشى ئالىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تىنچلىق باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى ۋە سەمىمىي ئىنتىلىشى بولۇپ كەلدى. بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دەۋرنىڭ باش تېمىسىغا ئايلاندى، لېكىن ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپسىزلىك تەھدىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇرۇش ۋەھىمىسى باشتىن – ئاخىر يوقىمىدى. جۇڭخۇا مىللىتى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنىڭ نەقەدەر قىممەتلىكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ، ھەمدە مەڭگۈ دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر