باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى تارقاتتى

2018.09.21 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى دورا تەمىناتى كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي دورىلارنى ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىمارلارنىڭ دورا پۇلى يۈكىنى يەڭگىللىتىشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىلىنىكىلىق دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا تولۇق لايىقلاشماسلىق، ئىشلىتىش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى كەمچىل بولۇش، تەقلىد قىلىپ ياسالغان دورا بۇيۇملار بىلەن ئەسلىدىكى تەتقىقات بۇيۇملىرىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىدە پەرق بولۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلاندى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىشتە «ئاساسنى گەۋدىلەندۈرۈش، زۆرۈر ئالدىنى ئېلىش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاۋۋال ئىشلىتىش، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، يۈكنى تۆۋەنلىتىش»تەك فۇنكسىيەلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، دورا تەمىناتى كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يېتەكلەپ، دورىنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، باھاسى مۇۋاپىق، تەمىنلەشنىڭ تولۇق بولۇشىغا، «داۋالىنىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى پەسەيتىشكە كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دورا ئىشلىتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، دورىگەرلىك كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر