باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى چاۋشيەن-كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ «9-ئاي پىيوڭياڭ ئورتاق خىتابنامىسى» ئىمزالىغانلىقىغا قارىتا: بۇنىڭدىن ئارتۇق ياخشى ئىش، بۇنىڭدىن ئارتۇق تۆھپە بولمايدۇ، دېدى

2018.09.21 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 20- سېنتەبىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شەندۇڭ يەر شارى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا،چاۋشيەن-كورېيە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ «9-ئاي پىيوڭياڭ ئورتاق خىتابنامىسى»گە ئىمزا قويۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

  ۋاڭ يى سۆز قىلىپ: 19-سېنتەبىر، شەندۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ قارشىسىدىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن خوش-خەۋەر كەلدى، چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن «9-ئاي پىيوڭياڭ ئورتاق خىتابنامىسى»گە ئىمزا قويدى. بۇ، يېرىم ئارالدىكى بارلىق خەلقنىڭ بەختى، شۇنداقلا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۈمىدى. جۇڭگو بۇنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ھەمدە قوللايدۇ، دېدى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىمال-جەنۇب مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشى ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە يېرىم ئارالنى يادروسىز، ھەربىي تەھدىتتىن خالىي تىنچ يۇرت-ماكان قۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىدىن ئارتۇق خۇشاللىق بولمايدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك، دېدى.

  ۋاڭ يى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل «چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، تىنچلىق بەك كېچىكىپ كەلدى، تەستە كەلگەن بۇ تىنچلىق پۇرسىتىنى يەنە بىر قېتىم يوقىتىپ قويساق ھەرگىز بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر