باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى بويىچە ئەرز قىلىش ۋە پىكىر بېرىش» ئەپچىسى ئاچتى

مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىدە ساقلانغان مەسىلە يىپ ئۇچى ۋە پىكىر-تەكلىپلەرنى كەڭ قوبۇل قىلىدۇ

2018.09.21 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە تۈرلۈك مەسىلىلەر بويىچە ئەرز قوبۇل قىلىش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 20- سېنتەبىردىن باشلاپ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىدە ئەرز قىلىش ۋە پىكىر بېرىش» ئەپچىسى ئېچىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە ساقلانغان مەسىلە يىپ ئۇچى ۋە پىكىر-تەكلىپلەرنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تورداشلار يانفوندا جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى، گوۋۇيۈەن ئابونتلار تېرمىنالى ياكى ئۈندىدار، ئەلىپاي قاتارلىق سۇپىلاردا ئەپچىگە تىزىملىتىپ كىرسىلا، ئىش بىجىرىش قولايسىز بولۇش، «بىر توردا پۈتكۈزۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، كارخانىغا دائىر سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەرز قىلسا بولىدۇ ھەمدە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىكى تاپشۇرۇۋالغان مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچى ۋە پىكىر- تەكلىپلەر ئۈستىدە مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلارنىڭ مەسىلىنى ئېنىقلىشى، سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، تۈزىتىپ ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر