تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى «ۋەتەنگە بەخت تىلەش» تېمىسىدىكى چوڭ گۈل سېۋىتىنى قۇراشتۇرۇش نەق مەيدانىدىكى چوڭ گۈل سېۋىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى.
نۆۋەتتە، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى گۈلدەستە تىزىش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىپ «ۋەتەنگە بەخت تىلەش» تېمىسىدىكى زور گۈل بېزىكى ئاستا قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلىدى. ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، 2011-يىلىدىن باشلاپ، « ۋەتەنگە بەخت تىلەش» تېمىسىدىكى چوڭ گۈل سېۋىتى تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ مەركىزىي گۈللۈكىگە قويۇلغان بولۇپ، بۇ زور گۈل بېزەكلەر دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئىزچىل ۋەتەنگە سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنىپ كەلدى.
بۇ يىلقى گۈل-گىياھلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، مەيداننىڭ مەركىزىدىكى گۈللۈكتىن يەنىلا گۈل بېزىكى ئاساسىي مەنزىرە بولغان بولۇپ، گۈل سېۋىتى ئۈچۈن پولات قۇرۇلما ئىشلىتىلگەن، 10 بال شامال كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، گۈللۈكنىڭ چوققا ئېگىزلىكى 17 مېتىر، سېۋەت تەخسىسىنىڭ دىيامېتىرى 15 مېتىر، گۈللۈكنىڭ ئاستى قىسمى دىيامېتىرى 50 مېتىر كېلىدۇ. گۈل سېۋىتى ئىچىگە قىزىل كاكتۇس، مېيخۇا گۈلى، قەلەمپۇرسىمان چىنىگۈل، ئاپتاپپەرەس، كەترەن، ئەتىرگۈل قاتارلىق كۆپ خىل تەقلىدىي گۈل-گىياھلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ بەخت، ئامەت مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى