باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارالىق پاتېنتقا ئىلتىماس قىلىش مىقدارى ئۇدا 14 يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى

شېنجېن دۇنيا «يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى»گە قەدەم قويدى (ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز. 100 شەھەر، 100 ناھىيە ۋە 100 كارخانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى)

2018.10.08 16:41   مەنبە: خەلق تورى

شېنجېن دۇنيا «يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى»گە قەدەم قويدى (ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز. 100 شەھەر، 100 ناھىيە ۋە 100 كارخانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى)

  سۈرەتتە: شېنجېن شەھىرى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياۋگاڭ كەنتىدىن شېنجېنغىچە، پۇدۇڭدىن شىيوڭئەنگىچە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە… 40 يىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش نەتىجىسىدە، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتەك ئۇلۇغۋار ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ، «100 شەھەر، 100 ناھىيە ۋە 100 كارخانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» ناملىق چاتما خەۋەرنى ھازىرلاپ، ھەمدە خەۋەرلەرنىڭ فوكۇسىنى بىر تۈركۈم ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە رايون ۋە كارخانىلارغا توغرىلاپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەمەلىيەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ 40 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولىدىكى ئۇلۇغ مۇساپىلىرىنى نامايان قىلىدۇ.

  پىيانىنو مۇزىكىسىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلاردىن 800ى «پەرۋاز قىلىۋاتقان سۇمۇرغ»لار كەبى، سامادا سەپ تۈزۈپ ئۇچۇپ، شېنجېن ئاسمىنىنى يوپيورۇق قىلىۋەتتى.

  9- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھازىرلانغان «ئارزۇ قوغلىشىش __ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنايلى» تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكىدە، شېنجېن يەنە بىر قېتىم پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  شېنجېن شەھىرى ھازىر ئۆزىگە جۇڭگودىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ساھەسىدە ئالدىنقى ئون كۈچلۈك كارخانا ئورنىدا تۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ باش ئىشتابلىرى ياكى رايون باش ئىشتابلىرىنى يىغدى؛ 2017- يىلى ئىجتىمائىي مەبلەغ بىلەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى 90 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، GDP دا %4.10نى ئىگىلەپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى؛ PCT خەلقئارالىق پاتېنتقا ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 20مىڭ 457 پارچىغا يەتكەن بولۇپ، ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئومۇمىي ئىلتىماس مىقدارىنىڭ %43.07نى ئىگىلەپ، ئۇدا 14 يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  «ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىۋەرمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇستەقىل ھالدا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.» شېنجېن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى چېن رۇگۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شېنجېننىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، شېنجېننى دۇنيا بويىچە «يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغا…
    ·كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى چېگرا سىرتىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتى…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ