10- ئاينىڭ 5- كۈنى، تۈركىيەنىڭ ئاقسارايدا، داۋالاش خادىملىرى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق يارىلانغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى توشۇماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆت جۇڭگولۇق ساياھەتچى ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىل 4- چېسلا تۈركىيەنىڭ ئاقساراي ئۆلكىسىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر جۇڭگولۇق ساياھەتچى قازا قىلغان، ئۈچ ئادەم يارىلانغان. جۇڭگو-تۈركىيە ئىككى تەرەپ جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، قاتناش ۋەقەسىدە يارىلانغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى