باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق بانكىسى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى

بىر يىل ئىچىدە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆت قېتىم تۆۋەنلىتىپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى قوللاش

2018.10.08 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى بىر قىسىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك قولاي قەرزنى توختىتىشنى قارار قىلدى. 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، چوڭ تىپتىكى سودا بانكىلىرى، پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىلىرى، شەھەر سودا بانكىلىرى، ناھىيە تەۋەلىكىدە بولمىغان يېزا سودا بانكىلىرى، تاشقى مەبلەغ بانكىلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى تەييارلىق فوندى نىسبىتى بىر پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلىدۇ، شۇ كۈنى قەرەلى توشقان ئوتتۇرا مەزگىللىك قولاي قەرز (MLF) ئەمدى داۋاملاشتۇرۇلمايدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى 1-ئاي، 4-ئاي، 7- ئايدا مەركىزىي بانكا ئۈچ قېتىم خەلق پۇلى ئامانىتى تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەن ئىدى، بۇ قېتىملىقى بولسا بۇ يىل ئىچىدىكى 4-قېتىم تۆۋەنلىتىشى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو خەلق بانكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خەلق پۇلى ئامانىتى تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق قويۇپ بېرىلگەن قىسمەن مەبلەغ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى قەرەلى توشقان تەخمىنەن 450 مىليارد يۈەنلىك ئوتتۇرا مەزگىللىك قولاي قەرزنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ بىر قىسىم MLF شۇ كۈنى قايتا داۋاملاشتۇرۇلمايدىكەن. بۇ بىر قىسمى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، خەلق پۇلى ئامانىتى تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش بويىچە يەنە تەخمىنەن 750 مىليارد يۈەن مەبلەغ قويۇپ بېرىلىدىكەن.

  پىڭئەن ئاكسىيەسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى جاڭ مىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىم تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىن مەقسەت، سودا بانكىسى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چوڭ ۋە كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتۇر.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۇل مۇئامىلە ئورنى بانكىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى زېڭ گاڭ مۇنۇلارنى دېدى: تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ MLFغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بانكا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇددەت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى مۇقىم ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغقە ئېرىشتۇرگىلى بولىدۇ، ھەمدە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، كىرېدىت تارقىتىشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆچمە ئېھتىياجىمۇ ئاشتى. بۇ چاغدا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى مۇۋاپىق ھالدا تۆۋەنلىتىلىپ، بىر قىسىم مەركىزىي بانكا قەرز مەبلىغى ئالماشتۇرۇلۇپ، بانكا سىستېمىسىنىڭ مەبلەغ مۇقىملىقى يەنىمۇ كۆپەيتىلىپ، سودا بانكىسى ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ كۆچمە قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، بانكا مەبلىغىنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەخمىنەن 750 مىليارد يۈەن ئاشۇرما مەبلەغ قويۇپ بېرىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئىجادچان كارخانىلارنىڭ مەبلەغ مەنبەسىنى كۆپەيتىشى قوللاشقا ئېرىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋرىشىملىكىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىچكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر