باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇلاھىزىسى ۋە ئەمەلىيىتى

مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى

2018.09.28 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بەردى. قىسقىغىنا يەتتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇ شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېتىزلارغا بېرىپ، دېھقانلارنى زىيارەت قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ غېمىنى يەپ، شاڭخەينىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئايلىنىپ چىقتى. 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېچىلغان شاڭخەي شەھىرىنىڭ 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يولداش شى جىنپىڭ: شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەش، شەھەرلەر يېزىلارغا مەدەت بېرىش ۋە كۆپ بېرىش، ئاز ئېلىش، جانلاندۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش كېرەك،كېرەك دەپ كۆرسەتكەن. يولداش شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەينىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى قايتا ئەسلەپ، شاڭخەينىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىزدىنىش ئەمەلىيىتىنى خۇلاسىلەش يېڭى دەۋردىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە تېخىمۇ ياخشى يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بىرىنچى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە، يولداش شى جىنپىڭ ئوخشىمايدىغان مەزگىلدە، ئوخشىمايدىغان سورۇندا: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسى دۆلەت ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە، چوقۇم ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ: ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىنى بۇزۇپ تاشلاشتا يېزىلارنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى چوقۇم شاڭخەيدە نامايان قىلىش كېرەك، شاڭخەي خەلقئارا چوڭ شەھەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا يېزا ئىگىلىكى، يېزا، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە سەل قارىسا بولمايدۇ، سېلىنما جەھەتتىن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مايىللىشىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، جامائەت مالىيە چىقىمىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە كۆپرەك ئاجرىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن(2007-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى نەنخۇي رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلىنغان سۆز). ئۇ: شەھەر بىلەن يېزا، يېزا ئىگىلىكى بىلەن 2-، 3-كەسىپلەر ئارىسىدا ئىنتايىن زىچ بېقىندىلىق مۇناسىۋەت بار، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتى، سانائەت-يېزا ئىگىلىك مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، 1، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە شەھەر-يېزىلارنىڭ ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى، دەپ كۆرسەتكەن (2007-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ يېزا پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ دەرىجە بىرلىشىپ بەرپا قىلىش» پائالىيىتى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز). ئۇ: شاڭخەي شەھەر-يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلىغان. شەھەر-يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئوخشاش قىلىش، بىردەكلەشتۈرۈش، پەرقسىز بولۇش دېگەنلىك ئەمەس، يەنىلا پەرق بار، شەھەر يەنىلا شەھەر، يېزا يەنىلا يېزا، ئىككىسىنىڭ قىياپىتى يەنىلا ئوخشىمايدۇ. دەپ كۆرسەتكەن. (2007-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى فېڭشيەن رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلىنغان سۆز). يولداش شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھەرلىك 8-نۆۋەتلىك پارتكومىنىڭ 12-ئومۇمىي يىغىنى يېپىلغاندا قىلغان سۆزىدە: شاڭخەي ئالاھىدە چوڭ شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا ئىگىلىك نىسبىتى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ %1كە يەتمىسىمۇ، لېكىن يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارلا بولىدىكەن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى چوقۇم مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ مۇھىم بايانلار «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە قانداق قاراش، قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق تۇتۇش مەسىلىسىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى تۈپ ئورنىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، شاڭخەينىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شاڭخەي «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ، شەھەر-يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ئارىسىدا ئالدى بىلەن شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر