باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەلقئارا ھەرىكەت كېڭىشىنىڭ 35-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.09.29 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا ھەرىكەت كېڭىشىنىڭ 35-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا ھەرىكەت كېڭىشىنىڭ 35-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدەك ئۆز نامىمدىن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، يىغىنغا قاتناشقان ئەزالارنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولماقتا. دۇنيانى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسى ۋە خەلقئارا تەرتىپتە تېز ئۆزگىرىش بولماقتا، دۇنيانى تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق ۋەزىپە. خەلقئارا ھەرىكەت كېڭىشى تۈرلۈك دۇنياۋى خىرىسلارنى ھەل قىلىش جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە پائال رول ئوينىماقتا. بۇ يىللىق يىغىندا دۇنيانى تەرتىپكە سېلىش قارالمىسى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپتۇ، بۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىشىنىمەنكى، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۇنيانى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىشتەك دۇنيانى تەرتىپكە سېلىش قارىشىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي قوغداپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ كەلدى. بىز ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى تەرتىپكە سېلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتىكى ئىزدىنىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايمىز. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر