باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمىدا يەتتە كۈن تولۇق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ

ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، ھەر ئايدا 36 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك

2018.10.08 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن دۆلەت بايرىمىدىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى يەنىلا سۆز تېمىسىغا ئايلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئەگەر دۆلەت بايرىمىدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسىڭىز، بىر كۈندە 2000 يۈەن بەرسە، يەتتە كۈننىڭ ھەممىسىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش كېرەك بولسا، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەمسىز؟» دېگەن بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئەڭ ھالقىلىق سۆز بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، دۆلەت بايرىمىدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندە، ھەقىقەتەنمۇ بۇنچە كۆپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بېرىلەمدۇ؟ بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت بايرىمىدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئوخشاش بىر ئۆلچەم بويىچە ھەق بېرىلمەيدۇ، قانچىلىك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى ئېلىش مائاش سەۋىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لېكىن ئەگەر يەتتە كۈننىڭ ھەممىسىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندە، ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ بولۇشى مۇمكىن.

  بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئىككى كۈن ئىشلەپ، 10-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە يەتتە كۈن ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، 10- ئاينىڭ 3-كۈنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنى. شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مائاش بېرىش بەلگىلىمىسى» (2003-يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 142-بۇيرۇقى)نىڭ 14-ماددىسى ۋە 44- ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەھەر بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار 10-ئاينىڭ 1- كۈنى، 2-كۈنى، 3-كۈنى ئەمگەكچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، كۈنلۈك ياكى سائەت بويىچە ئىش ھەققى تۈپ سانىنىڭ %300ىدىن تۆۋەن بولمىغان ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى بېرىشى كېرەك؛ 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، 5- كۈنى، 6-كۈنى، 7-كۈنى ئەمگەكچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، ئوخشاش ۋاقىت بويىچە دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، كۈنلۈك ياكى سائەتلىك مائاش ئاساسىي سانىنىڭ %200ىدىن تۆۋەن بولمىغان ئىسمېنا مائاشى بېرىشى كېرەك.

  ئەمما «كۈندىلىك ياكى سائەتلىك ئىش ھەققى ئاساسىي سانى»نى قانداق بېكىتىشكە كەلسەك، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تۆۋەندىكى ئۈچ پىرىنسىپنى تەكىتلىدى: ئالدى بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشمىگەن بولسا، كوللېكتىپ توختامدا پۈتۈشكەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاش ئاساسىي سانى ۋە ئارام مەزگىلىدىكى مائاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرىدا، ئەگەر ئەمگەك توختامى، كوللېكتىپ توختامنىڭ ھەممىسىدە پۈتۈشمىگەن بولسا، ئەمگەكچىنىڭ نورمال ئەمگىكى ئارقىلىق ئېلىشقا تېگىشلىك ئىش ھەققى بويىچە بېكىتىلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان پىرىنسىپلار بويىچە بېكىتىلگەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندىكى ئىش ھەققىنىڭ ئاساسىي سانى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر