9- ئاينىڭ 26 - كۈنى، مالايشىيا كۇئالالۇمپۇر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ مالايشىيا كونسۇل قوغداش قوللانمىسى»نى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا، پىدائىيلار كۆرگەزمە قوللانمىسىنى تەشۋىق قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 26- سېنتەبىر مالايشىيا كۇئالالۇمپۇر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئېلان قىلغان «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ مالايشىيا كونسۇل قوغداش قوللانمىسى» مالايشىياغا زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى