باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى خەلققە يېقىن − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشلەتكەن تەمسىللەر» ناملىق فىلىم قويۇلىدۇ

2018.10.08 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «بارچە ئېقىملار مۇنبىرى» ئالاھىدە پىروگراممىسى «شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى خەلققە يېقىن − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشلەتكەن تەمسىللەر» ناملىق فىلىم 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كەچتە كۆرسىتىلىدۇ. پىروگراممىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى، سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرگەن قەدىمىي كىتابلار ۋە كىلاسسىك سۆزلەر باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى جانلىق شەرھلەش ۋە كەڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ پىروگرامما «ئەلنىڭ ھەربىر ئىشىغا مېھىر بېرىش»، «دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا دائىم خەلقنى ئاساس قىلىش»، «ئەخلاق بولمىسا دۆلەت گۈللەنمەيدۇ»، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى ئۆيدە»، «ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش»، «ياخشى كەيپىيات بىلەن زېمىننى تولدۇرۇش»، «تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىش»، «ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەنلەر چىرايىدىنمۇ بىلىنەر»، «يامان بامبۇكنى تۈمەن پارچە قىلماق زۆرۈر»، «ئەلنى ياخشى ئىدارە قىلىش ئىختىساسلىقلارغا باغلىق»، «مۇھىت ئاسراشتا بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك»، «دۇنيانىڭ خەلققە مەنسۇپلۇقىدەك ھەقىقەتنى ياقلاش» قاتارلىق 12 قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، «ئەسلىي ئاۋازلىق مىكرو سىن»، «ئىدىيە يېشىمى»، «كىلاسسىكلار يەشمىسى»، «نەق مەيدان سۆھبىتى»، «ئۆزئارا سوئال-جاۋاب»، «كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش» قاتارلىق ئالتە ھالقىدىن تەركىب تاپقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر