باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.09.30 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىلى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يېقىندا،ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «بەلگىلىمە» بېسىپ تارقاتتى، ھەمدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر قايسى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىنى چوقۇم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈم بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

  مەزكۇر «بەلگىلىمە»دە تۆۋەندىكىلەر كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19ـ نۆۋەتلىك 2- ئومۇمىييىغىنى ۋە 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، مەملىكەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ۋە ئىزچىل ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەسئۇلىيىتى ۋە يېڭى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش دېگەندەك يۇقىرىقى بىر قاتار جەھەتلەرنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش نەتىجىسىدە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىدىن پەرقلىنىدىغان، ھەمدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدىغان "مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى" مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى ۋە يېڭى دەۋردە مەركەز كارخانىلىرى رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي قوللانمىسى ھېسابلىنىدۇ.

  مەزكۇر «بەلگىلىمە» جەمئىي 10 باب 66 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ، ئومۇمىي پىرىنسىپ، ئورۇن تەسىس قىلىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش شەرتلىرى، تاللاپ ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش، باھالاش ۋە باھا بېرىش، ئىش ھەققى، رىغبەتلەندۈرۈش، باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش، ئۆستۈرۈپ چېنىقتۇرۇش، چېكىنىش ۋە قوشۇمچە قائىدە قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدا، مەركەز كارخانىلىرى رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، ئاساسىي تەلىپى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ھالقىلىرىنى قاپلىدى. «بەلگىلىمە»نىڭ بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلۇشى بولسا، پارتىيەنىڭ مەركەز كارخانىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، ھەمدە پارتىيەگە سادىق، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كارخانىنى ئىدارە قىلىشتا ۋە گۈللەندۈرۈشتە تەدبىرلىك بولغان، پاك-دىيانەتلىك ۋە يۇقىرى ساپالىق ھەم كەسىپلەشكەن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رەھبىرىي خادىملىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىچىلار روھىنى ئۇرغۇتۇپ ۋە قوغداپ، كارخانىچىلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە ۋە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا يېتىلدۈرۈشتە، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر