باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەش دۆلەت 58 قانۇنسىز كۆچمەننى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزدى

2018.09.27 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەش دۆلەت 25-چېسلا كېلىشىم تۈزۈپ، ئالدىنقى ھەپتە ئوتتۇرا دېڭىزدا قۇتقۇزۇۋېلىنغان 58 قانۇنسىز كۆچمەننى بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دېڭىز سەپىرىنى ئاياغلاشتۇردى.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىسپانىيەلىك بىر ئەمەلدار مۇنداق دېدى: ئىسپانىيە، فىرانسىيە، پورتۇگالىيە، گېرمانىيە ۋە مالتا بۇ تۈركۈمدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلدى، ئۇلار ئالدىنقى ھەپتە لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قۇتقۇزۇۋېلىنغان كۆچمەنلەر. ھېچبىر دۆلەت بۇ كېمىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىگە كىرىشىگە قوشۇلمىغانلىقتىن، ئۇلار ئىزچىل «ئاكېللىس 2-نومۇر» شەخسىي قۇتقۇزۇش پاراخوتىدا تۇرغان.

  بۇ ئەمەلدارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، «ئاكېللىس 2-نومۇر» مالتادا توختىغان، ئىسپانىيە 15 قانۇنسىز كۆچمەننى، پورتۇگالىيە 10 قانۇنسىز كۆچمەننى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغان، قالغان ئۈچ دۆلەت قانچە قانۇنسىز كۆچمەننى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرچە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر