باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈريولى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن كېيىنكى پويىز بېلىتىنى سېتىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى

2018.09.28 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، يولۇچىلار پويىزى قاتناش خەرىتىسىنى تەڭشەش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى شىنجاڭ تۈمۈريولى باش بېكىتى قىلىنىدىغان، بىۋاسىتە قاتنايدىغان، باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدىكى ھەر قايسى قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتىنى سېتىش ۋاقتىنچە توختىتىلغان، بېلەت سېتىشنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن.

  مەلۇم بولۇشىچە، يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەلگەن ھامان، پويىزنىڭ مېڭىش ۋاقتى، توختايدىغان بېكەتلەر قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولىدۇ، يولۇچىلارنىڭ سەپىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاتناش خەرىتىسىنى تەڭشەش خىزمىتى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بېلەت سېتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتتى: بېلەت سېتىۋېلىش ئېھتىياجى بار يولۇچىلارنىڭ پويىز بېلىتى سېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇچۇرىنى 12306 تور بېكىتى (www.12306.cn) ۋە «شىنجاڭ تۆمۈريول 新疆铁路» ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگى، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ياكى تۆمۈريول 12306 خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈشىنى سورايمىز. ھەر قايسى ۋوگزال ۋە پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى يولۇچىلارغا دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر