9- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئافغانىستان كابۇلدا، ئافغانىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىكەرمات • خەلىل • كارزايى جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش زىياپىتىدە سۆز قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئافغانىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىكەرمات • خەلىل • كارزايى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئافغانىستان جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئىزچىل قەدىرلەپ كەلمەكتە، جۇڭگونى باشتىن-ئاخىر ئىشەنچلىك دوستى، ياخشى قوشنىسى ۋە شېرىكى، دەپ قاراپ كەلدى. جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئافغانىستانغا بەرگەن مەدەت ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمىز. كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە جۇڭگو بىلەن ئافغانىستاننىڭ بىرلەشمە پوچتا ماركىسى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى