باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى تارماق ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىغا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ سېلىش كەسپىنىڭ باج سىياسىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2018.09.28 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى ھاۋالە بويىچە مەبلەغ سالىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىغا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ سېلىش كەسپىنىڭ باج سىياسىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى جەمئىيىتى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندى مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان مەبلەغ سېلىش دائىرىسى ئىچىدە، كۈتۈنۈش فوندىغا مەبلەغ ئىشلىتىش جەريانىدا ئالغان قەرزنىڭ بارلىق ئۆسۈمى ۋە ئۆسۈم خاراكتېرلىك كىرىمى ۋە پۇل مۇئامىلە تاۋارلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنمايدۇ.

  ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى جەمئىيىتى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندى مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان مەبلەغ سېلىش دائىرىسى ئىچىدە، كۈتۈنۈش فوندى مەبلەغ سېلىشىدىن پايدىلىنىپ ئېرىشكەن كۈتۈنۈش فوندىغا تەۋە مەبلەغ كىرىمى كارخانىنىڭ تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدىغان كىرىمى ھېسابلىنىدۇ. كۈتۈنۈش فوندى مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار، كۈتۈنۈش فوندىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى كۈتۈنۈش فوندىنى باشقۇرۇش پائالىيىتىدىن ئېرىشكەن كىرىمىدىن باج قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ.

  ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى جەمئىيىتى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندى مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندىنى ئىشلىتىپ، ئاكسىيە سودىسى قىلغاندىكى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماركا بېجىنى ئاۋۋال ئېلىپ، كېيىن قايتۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ؛ كۈتۈنۈش فوندى ئىلكىدىكى ئاكسىيە كۈتۈنۈش فوندى ئاكسىيە ئىسچوتى ئوتتۇرىسىدىكى ھېسابات نومۇرى ئارىسىدا ئىسمى يەڭگۈشلەنسە، ئايرىپ بېرىلسە ماركا بېجى ئېلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ماركا بېجى ئېلىنمايدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى جەمئىيىتى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندى مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار باشقۇرۇۋاتقان كۈتۈنۈش فوندىنى بازارغا سالمايدىغان شىركەتلەرنىڭ پاي ھوقۇقىغا ئۆتۈنۈپ بېرىلسە، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى جەمئىيىتى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندى مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ئورگىنى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماركا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن كۈتۈنۈش فوندىغا ئالاقىدار مەبلەغ سېلىش كەسپى ئورۇنلىرى بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ھەمدە ئالاقىدار باج پۇلىنى تاپشۇرمىغان بولسا، مۇشۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. تاپشۇرۇلغان ئالاقىدار باج پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر