باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت باش كاتىپى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:

2030- يىلىغىچە بولغان پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر يىلى 5 تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن 7 تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىغىچە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ

2018.09.27 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس 24- سېنتەبىر مۇنداق دېدى: يەر شارى مىقياسىدىن قارىغاندا، 2030- يىلغىچە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر يىلى 5 تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن 7 تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىغىچە مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  گۇترېس شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى تۈرى ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى»دا مۇنداق دېدى: تۈرلۈك تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم «مەبلەغ توپلاش ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە تېز كۆپىيىش»نىڭ ئەمەلگە ئېشىشى زۆرۈر. 2030- يىلىغىچە بولغان تۈرلۈك پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ سېلىش زۆرۈر. گەرچە ھازىر بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولساقمۇ، ئەمما يەنىلا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

  گۇتېرىس تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: شۇ مەزگىلگىچە بولغان پىلانلارنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى ئەددىس ئەبىبە ھەرىكەت كۈن تەرتىپى جەريانىدا ئادا قىلىشقا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن، چوقۇم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بايلىقلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا سېلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى (جۈملىدىن باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) داۋاملىق قوللاش كېرەك. ئاخىرىدا يەنە يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە شەخسلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  گۇتېررېسنىڭ نەزىرىدە، خۇسۇسىي تارماقلار ۋە سودا ساھەسىنىڭ ئالاھىدە رولىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر بولۇپ، ئۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ قوللىشى بولمىسا، شۇ مەزگىلگىچە بولغان تۈرلۈك پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بېكىتكەن نىشاننى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر