باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» بېسىپ تارقىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

2018.09.27 18:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نىڭ بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى تۈرتكىسىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشىلاش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ سەككىز جەھەتتىكى سىياسەت-تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئادىل بازار مۇھىتى يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، مالىيە سىياسىتىنىڭ قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەتنى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇنجى يۈرۈش زور تېخنىكىلىق جابدۇقنى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئىشلىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەرەققىيات تۈرتكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى پەن-تېخنىكا بويىچە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئوقۇتۇش-تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سىستېمىسى، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش سىياسىتى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنگە قايتقان ۋە چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئىجادچان كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتى بىلەن ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كىرىشىپ تەرەققىي قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، سانائەت ئالاقە تورىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالاقە تورى +» يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش نۇقتىلىق كۆرگەزمە مەھسۇلاتىنى يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئالتىنچى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ پەرقلىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچى، دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش «بۆشۈكى» بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش توپلاشقان رايون يېتىشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ يېتەكچىلىك، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەرەققىيات پەللىسى يارىتىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ھالقىلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسىنى ياخشى ئومۇملاشتۇرۇپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر