باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىن ۋە ۋاڭ جىسەي قاتارلىق يولداشلارغا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى»دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىشنى قارار قىلدى

(2018- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى)

2018.09.28 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 760- تەتقىقات ئورنى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ چۈن، مەلۇم تەجرىبە سۇپىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى سۇڭ يۆسەي، مەلۇم تەجرىبە سۇپىسىنىڭ سابىق ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مەسئۇلى يولداش جياڭ كەيبىن قاتارلىقلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ئۈستىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىن قاتارلىق ئۈچ يولداش تەيفېڭ بورىنى ۋە زور دولقۇنغا تاقابىل تۇرۇشتا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەردانىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق سىناق سۇپىسىنى قوغداش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىقتەك مۇنەۋۋەر ئىستىلىنى نامايەن قىلدى؛ قىممەتلىك ھاياتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاشقا ھەر ۋاقىت تەييار» ئىكەنلىكىدەك باش مەقسەت ۋە قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى؛ ئۇلار كوممۇنىستلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى ۋە دەۋر نەمۇنىچىلىرىدۇر. شۇڭا، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارخۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىننى ئۈلگە قىلىشى، غايە ۋە ئېتىقادىنى چىڭىتىشى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇپ قالماي، بۇرچنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، «قوش يۈز يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشلىرى لازىم.

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى گۋانيۈن ناھىيەسى كەيشەن ئارىلىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى، كەيشەن ئارىلى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش ۋاڭ جىسەي ئارالنى 32 يىل قوغداپ، ئۆز ئورنىدا ئۈن-تۈنسىز تۇرۇپ ۋە بەدەل تۆلەپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئاجايىپ كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇردى. بىز ئۇنىڭ ۋەتەننى سۆيۈشتىكى بۇ خىل خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى يېڭى دەۋر قەھرىمانلىرىنىڭ قىممەت ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىشى كېرەك. يولداش ۋاڭ جىسەيگە ئوخشاش، ئىش ئورنىدا ئۇزۇن مەزگىل خالىسانە ۋە جاپالىق تۆھپە قوشقان يولداشلارغا قارىتا ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات ئورۇنلىرى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى، ئىدىيە، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ئۇلارنى ئاسرىشى لازىم.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېتىقادى چىڭ، پارتىيەگە سادىق، ئىشلارنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان يېڭى دەۋر تىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن مۇكاپاتلاش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن؛ بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۇلارنىڭ ئىدىيەلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىگە ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن؛ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن؛ دەۋر، خەلق، تارىخقا مۇناسىپ نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىن ۋە ۋاڭ جىسەي قاتارلىق يولداشلارغا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر