باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىش›› ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرىدۇ

 100تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىش تۈرلىرىگە چېتىلىدۇ

2018.09.28 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىش›› ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ھەم كەسپىي تەربىيەلەش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، 10 – ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز 100 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىش تۈرلىرىگە چېتىلىدىغان ‹‹تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىش›› ئىسلاھاتىنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى بەش تەرەققىيات رايونىدا نۇقتىدا سىناق قىلىپ، 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يولغا قويىدىكەن.

  ئىسلاھات سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىغان بەش تەرەققىيات رايونى ئايرىم – ئايرىم ھالدا قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)، ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ۋە كورلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت.

  9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىش> ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى بېسىپ تارقاتتى. ‹‹لايىھە››گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىش›› ئىسلاھاتى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئۆزگەرتىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئۇقتۇرما ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە كۆزلىمىچانلىقىنى ئۆستۈرۈش، بازار ئىجازىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بەش خىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، كېيىنكى ئىشلار ‹‹بىر تۈركۈمى پىشىپ يېتىلسە، بىر تۈركۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش›› تەلىپى بويىچە، بارلىق مەمۇرىي ئىجازەت تەدرىجىي تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇلۇپ، ‹‹بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئۆزگەرتىش، ئۇقتۇرما ۋەدە بېرىش، ئىجازەت مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش››تىن ئىبارەت تۆت خىل ئۇسۇل بويىچە ئىسلاھ قىلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ‹‹تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىش››نىڭ ئاساسىي مەنىسى كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرگەندىن كېيىنكى مەمۇرىي ئىجازەت ئىش تۈرلىرىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئازايتىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، ‹‹كىرىشكە ئىجازەت بېرىش، تىجارەتكە ئىجازەت بەرمەسلىك›› مەسىلىسىنى داۋاملىق ھەل قىلىش ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ جيەندۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى ‹‹تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىش›› ئىسلاھاتى جەمئىي 100 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىش تۈرىگە چېتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىنى يەتتە تۈر، ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئۆزگەرتىلگىنى تۆت تۈر، ئۇقتۇرما ۋەدە بېرىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگىنى 24 تۈر، ئاشكارىلىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگىنى 34 تۈر، ئىجازەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلگىنى 31 تۈر ئىكەن. ‹‹كىرگۈزۈشتە كەڭ، باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇش›› ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي تەلىپى بولۇپ، تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، قوش ئۇقتۇرۇش، قوش قايتما ئىنكاس قىلىش، قوش ئىز قوغلاش، قوش ئىختىيارىي بولۇش، قوش ئاشكارىلاش، قوش باھالاش قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق تارماقلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى كۈچەيتىلىدىكەن، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى(شىنجاڭ)دا ئۇچۇرلاردىن ھەمبەھرىلىنىش ۋە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بىرلەشمە تەنبىھ بېرىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم سىناق قىلىپ يولغا قويۇلىدىغان ئىسلاھات لايىھەسى شاڭخەي شەھىرىدە نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ پىشىپ يېتىلگەن ئۇسۇلنىڭ كۆچۈرۈلۈپ كېڭەيتىلىشى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر