باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىيالما يېزىسىنىڭ ئانىرى چوڭ ھەم تاتلىق

مۇخبىرىمىز لى داۋجۇڭ

2018.09.30 10:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9- ئاينىڭ 23- كۈنى، گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسىنىڭ جايتاش كەنتىدىكى بىر ئانارلىق باغنىڭ يېنىدا، ئانارلارنى ئوراپ يەشىككە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان راخمان تۇرسۇنمەت مۇنداق دېدى: ئانارلىرىمىزنى ئۈزۈشكە باشلىدۇق، باغنىڭ يېنىدا ئۈچ لاۋبەن ئانارلىرىمنى سېتىۋالىمىز دەپ ساقلاۋاتىدۇ.

  راخمان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەش مو يېرى بولۇپ، ھەممىسىدە ئانار ئۆستۈرگەنىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ مەخسۇس ئانار ئۆستۈرۈۋاتقىنىغا ئون يىل بولدى. ئائىلىسىنىڭ بەش مو يېرىدىن باشقا، راخمان يەنە شۇ كەنتتىكى 60 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ھەممىسىدە ئانار ئۆستۈردى. بۇ يىل ئانار ناھايىتى ئوخشىغان بولۇپ، دانىسى چوڭ، رەڭگى توق قىزىل، تەمىمۇ ياخشى بولدى. مو بېشى ھوسۇلى بىر توننىغا يېتىپ، دانىسى 300 گىرامدىن ئاشىدىغان چوڭ ئانار %70~ %80 نى ئىگىلىدى.

  ئانار زاكاز قىلغان لاۋبەنلەر بەك ئالدىراتقاچقا، راخمان يېقىن ئەتراپتىكى 30 دېھقاننى ئانار ئۈزۈشۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ھازىرغىچە ئون مو يەردىكى ئانارنى ئۈزۈپ بولدى. راخمان ئائىلىسىدىكىلەر كۈندە سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. بۇ يىل، راخمان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاناردىن 800 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  راخمان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئانار ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ باياشاتلىققا تولدى. 2014- يىلى، ئۇ پىكاپ سېتىۋالدى. بۇلتۇر ئانار توشۇشقا قولاي بولۇشى ئۈچۈن يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋالدى. بۇلتۇر ئۇ يەنە ئائىلىسىنىڭ 60 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىنى كېڭەيتىپ، 200 كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزدى.

  پىيالما يېزىسىنىڭ لەڭگەر كۆل كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئابدۇجېلىل مۆمىن ئانار ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ھەر يىلى كەنتتىكى ئانارلارنى سىرتقا توشۇپ ساتىدۇ. بۇلتۇر، ئابدۇجېلىل ئانارلارنى كۇچا، ئۈرۈمچى، شىخەنزە قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ سېتىپ، 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ يىل پىيالما يېزىسىدىكى ئانارلارنى ئۈزۈش باشلىنىشى بىلەنلا ئۇ 20 مىڭ يۈەن پۇل تاپتى.

  پىيالما يېزىسىنىڭ ئانارلىق يېڭى كەنتىدە، مۇخبىر ئەمدىلا ئاخىرلاشقان گۇما ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئانار ئۈزۈش بايرىمى ۋە «ئانار شاھى»نى باھالاش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان ئابلاتوختى باقىنى ئۇچراتتى. ئابلاتوختى باقى ئائىلىسىنىڭ «ئانار شاھى» دەپ باھالانغان ئانىرىنىڭ ئېغىرلىقى 1357 گىرام بولۇپ، بۇ يىل كۈز گۇما ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئانار ھېسابلىنىدۇ. بۇ «ئانار شاھى»نى مەلۇم بىر كارخانا باھالاش مۇسابىقىسى نەق مەيداندىلا 18 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدى.

  پىيالما يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لو شۇنشۇن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پىيالما يېزىسىنىڭ سۇ، تۇپراق ۋە كىلىمات شارائىتى ئانار ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى باب كېلىدۇ، 1998- يىلى رويخەتكە ئېلىنغان «پىيالما» تاتلىق ئانىرىنىڭ داڭقى خېلى بۇرۇنلا يىراقلارغا تارقالغان. ھازىر، پۈتۈن يېزىدىكى ئانارلىق كۆلىمى 24 مىڭ مو بولۇپ، 20 مىڭ مو يەردىكى ئانار مېۋىگە كىردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتكەچكە، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي پەرۋىش قىلىش ئېڭى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ھەرقايسى كەنتلەردە ئانار يىلدىن- يىلغا ئوخشىدى. بۇلتۇر پۈتۈن يېزىنىڭ ئانار ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 93 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل باھا ياخشى، ھوسۇلمۇ يۇقىرى بولدى. پۈتۈن يېزىنىڭ يېتەكچى كەسپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئانار دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدا گەۋدىلىك رول ئوينىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر