باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ تيەنتەن دوختۇرخانىسى يېڭى ئىش رايونىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىش باشلاندى

2018.10.08 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇلازىمەت زالى ئىچىدە، 20 دانە ئاپتوماتىك ئىش ماشىنىسى قاتار-قاتار يەر تۇتۇپ تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ماشىنىلار 24 سائەتلىك ئامبۇلاتورىيەنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئاپتوماتىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ ماشىنىلارنىڭ مۇلازىمىتى كېسەل تارىخى دەپتىرى سېتىۋېلىش، نومۇر ئېلىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بېسىپ چىقىرىش ۋە ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنىدۇ. بېيجىڭ تيەنتەن دوختۇرخانىسى يېڭى ئىش رايونىدا 10- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىش باشلاندى. بېيجىڭ تيەنتەن دوختۇرخانىسى بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونى جەنۇبىي 4- ئايلانما غەربىي يولىدىكى 119- نومۇرلۇق يېڭى ئىش رايونىدا ھەر قايسى بۆلۈملەرگە كېسەل كۆرگىلى كەلگەن بىمارلارنى كۈتۈۋالدى.

  بۇ يېڭى ئىش رايونى 5 يىلدا پۈتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 350مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. كونا ئىش رايونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ مۇلازىمەت مۇھىتى ۋە شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە بىلىش توسالغۇسى بۆلۈمى، قان تومۇر ۋە نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىلىمى بۆلۈمى قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەر بۆلۈمى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بىمارلارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە ئەلا سۈپەتلىك بولغان ھەمدە ھاياتلىقنىڭ تولۇق دەۋرىيلىكى بويىچە داۋالاش ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر