- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خۇڭۋېي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق گۇماندار سۈپىتىدە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا
2018.10.08 15:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خۇڭۋېي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق گۇماندار سۈپىتىدە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.
مېڭ خۇڭۋېينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
ئەر، خەنزۇ، 1953- يىلى 11- ئايدا تۇغۇلغان، خېيلوڭجياڭ خاربىنلىق، 1975- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1972-يىلى 12- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولغان، مۇئاۋىن ئالىي نازارەتچى ساقچى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر