باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 100 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى

2018.10.08 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە: 10- ئاينىڭ 5- كۈنى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى تۆمۈر يوللاردىكى يولۇچىلار ئېقىمى داۋاملىق يۇقىرى ھالەتنى ساقلىغان. مۆلچەرلىنىشچە، توشۇلغان يولۇچىلار 13 مىليون 150 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا تۆمۈر يولدا توشۇلغان يولۇچىلارنىڭ سانى 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

  10-ئاينىڭ 4- كۈنى، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا قاتنىغان پويىزلار 8243 قېتىمغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قوشۇپ ھەيدەلگەن پويىز 467 قېتىمغا، توشۇلغان يولۇچىلارنىڭ سانى جەمئىي 12 مىليون 978 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.3 كۆپەيگەن، تۆمۈر يول تىرانسپورت بىخەتەرلىكى مۇقىم ۋە تەرتىپلىك بولغان. بۇ قېتىم تۆمۈر يول تارماقلىرى تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر